مۇقەددەس كىتاب ئاشكارا قىلغان خەۋەر
يەھۋانىڭ ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنى مەڭگۈ ياشاش پارلاق ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىپ يارىتىشى. شەيتاننىڭ خۇدانىڭ ئىسمىغا ھاقارەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا شەك كەلتۈرۈشى. ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىنىڭ شەيتان كۆتۈرگەن ئىسيانغا ئەگىشىپ، گۇناھ ۋە ئۆلۈمنى ئۆزى ۋە ئۆز ئەۋلادلىرى ئۈستىگە ئېلىپ كېلشى
يەھۋانىڭ ئىسيانچىلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىشى ۋە كەلگۈسىدە مەيدانغا كېلىپ شەيتاننى يوقىتىپ، ئىسيان ۋە گۇناھنىڭ بارلىق ئاقىۋىتىنى يوق قىلىدىغان بىر نەسىل يەنى قۇتقۇزغۇچى نىجاتكار توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى
يەھۋانىڭ ئىبراھىم ۋە داۋۇتقا، مەڭگۈ پادىشاھ بولغۇچى نەسىل يەنى مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىشى
يەھۋانىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مەسىھنىڭ گۇناھ ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىشى يەنى مەسىھ پادىشاھ سۈپىتىدە باشقىلار بىلەن بىرگە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان پادىشاھلىقنىڭ ئۇرۇشلار، كېسەللىك ھەتتا ئۆلۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يوق قىلىشى توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بېرىشى
يەھۋانىڭ ئاسماندىن ئەيسانى يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىشى. ئەيسانىڭ خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشى ۋە ئۆز ھاياتىنى قۇربانلىققا بېرىشى. ئاندىن كېيىن، يەھۋانىڭ ئۇنى روھىي شەخس سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈشى
يەھۋانىڭ مەسىھنى ئاسماندا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغۇزۇشى بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يەنى ئاخىر زاماننىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسدۇر. ئەيسا مەسىھنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەگەشكۈچىلىرىنى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر ئېيتىشقا يېتەكلىشى
يەھۋانىڭ مەسىھنى يەر يۈزى ئۈستىدىن پادىشاھلىق قىلىشقا بۇيرۇشى. ئاشۇ پادىشاھلىقنىڭ بارچە رەزىل ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىشى، يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرۇشى ۋە تەقۋادار كىشىلەرنى مۇكەممەل ھالەتكە قايتۇرۇشى ھەمدە يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ياقلىشى ۋە ئۆز ئىسمىنى مەڭگۈ مۇقەددەس قىلىشى