مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

14-‏بۆلە‌ك

خۇ‌دانىڭ ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرى ئارقىلىق سۆز قىلىشى

خۇ‌دانىڭ ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىرى ئارقىلىق سۆز قىلىشى

جازا ھۆكۈم قىلىش؛‏ توغرا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىش ۋە مە‌سىھ ئېلىپ كېلىدىغان ئۈمىد توغرىسىدىكى خە‌ۋە‌رلە‌رنى يە‌تكۈزۈشى ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئە‌ۋە‌تىشى

شىمالىي ۋە جە‌نۇ‌بىي پادىشاھلىق دە‌ۋرىدە،‏ خۇ‌دا بە‌زى كىشىلە‌رنى تاللاپ پە‌يغە‌مبە‌رلىك قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتقادى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇ‌پ،‏ جاسارە‌تلىك بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنى يە‌تكۈزگە‌ن ئىدى.‏ خۇ‌دانىڭ ئاشۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىرى تە‌كىتلىگە‌ن تۆت مۇ‌ھىم نۇ‌قتا توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏

1.‏ يېرۇ‌سالېمنىڭ ۋە‌يران قىلىنىشى.‏ خۇ‌دانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىرى بولۇ‌پمۇ يە‌شايا ۋە يە‌رە‌مىيا،‏ يېرۇ‌سالېمنىڭ ۋە‌يران قىلىنىپ،‏ قاقاس-‏چۆل تاشلىۋېتىلدىغانلىقى توغرىسىدا ناھايىتى ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى ئالدىن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئۇ‌لار،‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ مۇ‌شۇ شە‌ھە‌ر خە‌لقىگە غە‌زە‌پلە‌نگە‌نلىكىنى جانلىق سۆز ئىبارىلە‌ر بىلە‌ن ئە‌ينە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يېرۇ‌سالېم خە‌لقى خۇ‌دا بىز بىلە‌ن بىرگە دە‌پ جاكارلاشقان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ يالغان ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىشى،‏ بۇ‌زۇ‌قچىلىق قىلىشى ۋە زوراۋانلىقى ئۇ‌لارنىڭ ساختىپە‌ز ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.‏—‏2-‏پادىشاھلار 21:‏10–‏15؛‏ يە‌شايا 3:‏1–‏8،‏ 16–‏26؛‏ يە‌رە‌مىيا 2:‏1–‏3:‏13‏.‏

2.‏ توغرا ئىبادە‌ت قىلىش يولىغا قايتىش.‏ 70 يىل بابىلوندا ئە‌سىر بولۇ‌پ ياشىغاندىن كېيىن،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئە‌سىرلىكتىن ئازاد بولاتتى.‏ ئۇ‌لار قاقاس-‏چۆل تاشلىۋېتىلگە‌ن يۇ‌رتىغا قايتىپ،‏ يېرۇ‌سالېمدىكى يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى قايتا ياسايتتى (‏يە‌رە‌مىيا 46:‏27؛‏ ئاموس 9:‏13–‏15‏)‏.‏ بىر پادىشاھنىڭ ئىسمىنىڭ كۇ‌رس دە‌پ ئاتىلىدىغانلىقى ھە‌مدە ئۇ‌نىڭ بابىلوننى ئىشغال قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنىڭ توغرا ئىبادە‌ت قىلىش يولىغا قايتىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىدىغانلىقى،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌رىپىدىن ئاشۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن 200 ئىلگىرى ئالدىن بېشارە‌ت بېرىلگە‌ن.‏ يە‌شايا ئۇ،‏ ھە‌تتا كۇ‌رسنىڭ قانداق جە‌ڭ تە‌دبىرلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى تە‌پسىلىي بايان قىلغان ئىدى.‏—‏يە‌شايا 44:‏24–‏45:‏3‏.‏

3.‏ مە‌سىھنىڭ مە‌يدانغا كېلىشى ۋە ئۇ‌نىڭ ھايات كە‌چۈرمىشى.‏ مە‌سىھ بە‌يتلە‌ھە‌م دېگە‌ن شە‌ھە‌ردە تۇ‌غۇ‌لاتتى (‏مىخا 5:‏2‏)‏.‏ ئۇ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ،‏ يېرۇ‌سالېمغا بىر تە‌خە‌ي مىنىپ كىرە‌تتى (‏زە‌كە‌رىيا 9:‏9‏)‏.‏ گە‌رچە ئۇ مۇ‌لايىم ۋە مېھىرى-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك بولسىمۇ،‏ ئۇ قارشى ئېلىنمايتتى ۋە نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۇ‌نى رە‌ت قىلاتتى (‏يە‌شايا 42:‏1–‏3؛‏ 53:‏1،‏ 3‏)‏.‏ ئۇ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمنى باشتىن كە‌چۈرە‌تتى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌سىھنىڭ ھاياتى شۇ‌نداقلا ئاخىرلىشامتى؟‏ ياق،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆز ھاياتىنى قۇ‌ربان قىلىشى سە‌ۋە‌بلىك نۇ‌رغۇ‌ن ئىنسانلارنىڭ گۇ‌ناھى كە‌چۈرۈم قىلىنىش ئىمكانىيىتگە ئىگە قىلىناتتى (‏يە‌شايا 53:‏4،‏ 5،‏ 9–‏12‏)‏.‏ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭ تىرىلىشى ئاشۇ‌لارنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايتتى.‏

4.‏ مە‌سىھنىڭ پادىشاھ بولۇ‌پ يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ئىنسانلارنىڭ ئۆز-‏ئۆزىگە تىنچ-‏ئامانلىق بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلالىشى راستىنلا مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ مە‌سىھ پادىشاھ تىنچ-‏ئامانلىقنىڭ ئە‌مىرى يە‌نى شاھى دە‌پ ئاتىلاتتى (‏يە‌شايا 9:‏6،‏ 7؛‏ يە‌رە‌مىيا 10:‏23‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا،‏ بارچە ئىنسانلار بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌پ،‏ ھە‌تتا جانلىقلار دۇ‌نياسى بىلە‌ن ئىنسانلار ئوتتۇ‌رىسىدا تىنچ-‏ئامانلىق ئە‌سلىگە كېلە‌تتى (‏يە‌شايا 11:‏3–‏7‏)‏.‏ كېسە‌للىكلە‌ر يە‌نە مە‌ۋجۇ‌ت بولمايتتى (‏يە‌شايا 33:‏24‏)‏.‏ ھە‌تتا ئۆلۈم مە‌ڭگۈ يوق بولاتتى (‏يە‌شايا 25:‏8‏)‏.‏ مە‌سىھ پادىشاھ بولۇ‌پ ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزگە‌ن دە‌ۋردە،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر يە‌ر يۈزىدە قايتا ھاياتلىققا ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلە‌تتى.‏—‏دانىيال 12:‏13‏.‏

‏—‏يە‌شايا‏،‏ يە‌رە‌مىيا‏،‏ دانىيال‏،‏ ئاموس مىخا ۋە زە‌كە‌رىيا كىتابلىرىغا ئاساسە‌ن.‏