1-دەرس
خۇش خەۋەر نېمە ھەققىدە؟
1. خۇدا بىزگە نېمىنى خەۋەر قىلىدۇ؟
خۇدا ئادەملەرنىڭ يەر يۈزىدە خۇشال-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى خالايدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى سۆيگەچ، يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان. پات-ئارىدا، ئۇ جاي-جايلاردىكى كىشىلەرنى گۈزەل كېلەچەككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىنسانىيەتنى بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن خالاس قىلىدۇ.—1-تىموتىي 6:19-ئايەتنى ئوقۇڭ.
ھېچ بىر ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، كېسەللىك ياكى ئۆلۈمنى يوق قىلىشقا قۇربىتى يەتكەن ئەمەس. بىراق، بىر خۇش خەۋەر بار! ئۇزۇنغا بارماي، خۇدا ئۆز ھۆكۈمىتىنى ئىنسانلار قۇرغان بارلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ. شۇ ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا كىشىلەر تىنچ-ئامان، ساق-سالامەت ۋە خۇشال-خۇرام تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.— يەشايا 25:8؛ 33:24؛ دانىيال 2:44-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
2. نېمە ئۈچۈن بۇ خۇش خەۋەر بەك مۇھىم؟
خۇدا يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوق قىلغاندىلا، ئازاب-ئوقۇبەتلەر ئاخىرلىشىدۇ (سەفنىيا 2:3). ئۇ قاچان شۇنداق قىلىدۇ؟ خۇدا سۆزى بېشارەت قىلغاندەك، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان رەزىللىكلەر ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ خۇدا ھەرىكەتكە كېلىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە.— 2-تىموتىي 3:1–5-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
3. نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
بىز خۇدا سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابتىن ياراتقۇچى ئىگىمىز توغرىسىدا بىلىم ئېلىشىمىز زۆرۈر. مېھىر-مۇھەببەتلىك ئاتا بالىلىرىغا يازغان خەتكە ئوخشاش، مۇقەددەس كىتاب بىزگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە قانداق قىلىپ كەلگۈسىدە يەر يۈزىدە مەڭگۈ ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇش ھەققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بەزىلەر سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ياقتۇرمايدۇ. لېكىن، خۇدا ۋەدە قىلغان ئاشۇ گۈزەل كېلەچەكتىن مەھرۇم قېلىشتىنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش يوق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!—پەندى-نەسىھەت 29:25؛ ۋەھىيلەر 14:6، 7-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.