7-بۆلۈم
بالىنى ياشتىن ئۆگەت
«مەن بۇ كۈن ساڭا بېرىدىغان بۇيرۇقلىرىمنى كۆڭلۈڭگە ئېلىپ، ئۇلارنى بالىلىرىڭغىمۇ ئۇقتۇر» (تەكرار قانۇن 6:6، 7).
ئائىلىنىڭ ئاساسچىسى يەھۋا خۇدا ئاتا-ئانىلارغا بالىلىرىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى (كولوسىلىقلارغا 3:20). ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى بالىلىرىدا يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مەسئۇلىيەتچان ئادەم قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەتتۇر (تىموتىيغا 2-خەت 1:5؛ 3:15). ئوغلىڭىزنىڭ ياكى قىزىڭىزنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ. شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن سىزنىڭ ئۈلگىڭىز ناھايىتى مۇھىم. ئەگەر يەھۋا خۇدانىڭ سۆزى قەلبىڭىزدە بولسا، ئۇنى بالىلىرىڭىزغا ئۆگىتىش ئاسان بولىدۇ (زەبۇر 40:8).
1. بالىڭىزنى تىڭشاشقا ھەرقاچان تەييار بولۇڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ھەرقانداق ئادەم ئاڭلاشقا تېز، سۆزلەشكە ئالدىرىمايدىغان... بولۇشى كېرەك» (ياقۇپ 1:19). بالىلىرىڭىزنىڭ سىز بىلەن ھەرقانداق ماۋزۇغا ئەركىن-ئازادە سۆزلىشەلىشى ئىنتايىن مۇھىم. سىزنىڭ تىڭشاشقا ھەرقاچان تەييار ئىكەنلىكىڭىزگە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئىشەنچى كامىل بولۇشى كېرەك. ئۆيىڭىزدە تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ھۆكۈم سۈرسە، ئۇلار ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىمالال ئىپادىلەشتىن قورقمايدۇ (ياقۇپ 3:18). ئەگەر پەرزەنتلىرىڭىز سىزنى ئاچچىقى يامان ئادەم دەپ بىلسە ياكى ئاھانەت قىلىدۇ دەپ ئويلىسا، سىز بىلەن ئوچۇق-ئاشكارە سۆزلىشىشى ناتايىن. شۇڭا بالىلىرىڭىزغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭىزنى پات-پات ئىپادىلەپ تۇرۇڭ (مەتتا 3:17؛ كورىنتلىقلارغا 1-خەت 8:1).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
بالىلىرىڭلار سىز بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغاندا، ئۇلارنى تىڭشاشقا تەييار بولۇڭ
-
بالىلىرىڭلار بىلەن پەقەت قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغاندىلا ئەمەس، بەلكى مۇنتىزىم سۆزلىشىشكە ۋاقىت چىقىرىڭلار
2. ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ئادەمنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار» (پەندى-نەسىھەت 18:4). بەزىدە بالىنىڭ گەپ-سۆزلىرىنىڭ تېگىدە نېمە ياتقانلىقىنى دەرھال چۈشىنىش ئاسان ئەمەس. ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈگمىدەك نەرسىنى تۆگىدەك قىلىپ كۆرسىتىش ياكى ئەسلى ئويىدا بولمىغان نەرسىنى ئېيتىش ئادىتى بار. «سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن، جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىغان، ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىدۇ» (پەندى-نەسىھەت 18:13). خاپا بولۇشقا ئالدىرىماڭ (پەندى-نەسىھەت 19:11).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
بالىلىرىڭىز نېمە دېسىمۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى بۆلۈشكە ئالدىرىماڭ ۋە ئۆزىڭىزنى قايناپ كېتىشتىن تۇتۇڭ
-
ئۇلارنىڭ يېشىدا ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىڭىزنى ۋە سىز ئۈچۈن نېمىلەرنىڭ مۇھىم بولغانلىقىنى ئېسىڭىزغا ئېلىڭ
3. مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «ئەي ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھىتىدىن ئايرىلما» (پەندى-نەسىھەت 1:8). پەرۋەردىگار يەھۋا بالىلارنى تەربىيىلەشنى ھەم ئاتىغا، ھەم ئانىغا تاپشۇرغان. پەرزەنتلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى ھۆرمەتلەشكە ۋە گېپىڭلارغا قۇلاق سېلىشقا ئۆگىتىڭلار (ئەفەسلىكلەرگە 6:1—3). ئەگەر ئاتا-ئانا «پىكىرلەردە... بىرلەشكەن» بولمىسا، بالىلار بۇنى بىردىنلا تۇيۇپ قالىدۇ (كورىنتلىقلارغا 1-خەت 1:10). ئاراڭلاردىكى كېلىشمەسلىكلەرنى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئەمەس، بەلكى يالغۇز قېلىپ مۇھاكىمە قىلىڭلار. ئەكسىچە بولغاندا بالىلار ئالدىدىكى ئابرويۇڭلار تۆكۈلىدۇ.
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
پەرزەنتلىرىڭىزنى قانداق تەربىيىلەيدىغىنىڭلارنى ۋە قانداق جازالايدىغىنىڭلارنى كېلىشىۋېلىڭلار
-
تەربىيە مەسىلىلىرىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز بىلەن كۆزقاراشلىرىڭلار ئوخشاش بولمىسا، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئوي-پىكرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار
4. پۇختا ئويلىنىپ ئىش-ھەرىكەت قىلىڭلار
مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغان؟ «بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ توغرا تەربىيە بەر» (پەندى-نەسىھەت 22:6). بالىلار ئۆز-ئۆزىدىنلا ئەدەبلىك ۋە تەربىيىلەنگەن بولۇپ قالمايدۇ. سىزگە ئويلىنىپ ئىش-ھەرىكەت قىلىش كېرەك ۋە تەربىيىلەشنىڭ تۈزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك (زەبۇر 127:4؛ پەندى-نەسىھەت 29:17). لېكىن تۈزىتىش پەقەت جازالاشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. بالىغا نېمىشقا ئۇنىڭدىن ئۇ ياكى بۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىش لازىم (پەندى-نەسىھەت 28:7). شۇنداقلا بالىلىرىڭلارنى يەھۋانىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىكى پرىنسىپلارنى چۈشىنىشكە ئۆگىتىڭلار (زەبۇر 1:2). شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ۋىجدانى توغرا تەربىيىلىنىدۇ (ئىبرانىيلارغا 5:14).
پايدىلىق مەسلىھەتلەر
-
بالىلىرىڭلارغا خۇدانى ھەقىقىي تايىنىشقا بولىدىغان مەۋجۇت شەخس دەپ تونۇپ-بىلىشكە ياردەم بېرىڭ
-
ئۇلارغا ئەخلاقىي خەۋپ-خەتەرلەر بىلەن تۇزاقلاردىن، مەسىلەن، تور ۋە ئىجتىمائىي تورلاردىكى خەۋپ-خەتەرلەردىن، نېرى بولۇشقا ئۆگىتىڭلار. شۇنداقلا بالىلارغا جىنسىي خورلۇق قىلىدىغانلاردىن قانداق ساقلىنىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈڭلار