مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏بۆلۈم

خۇ‌دا بىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏

خۇ‌دا بىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ تە‌بئىي ئاپە‌تلە‌ر،‏ كېسە‌للىك،‏ نامراتلىق،‏ چىرىكلىك ۋە باشقا رە‌زىللىكلە‌ر مىليونلىغان كىشىلە‌رنى ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە دۇ‌چار قىلماقتا.‏ بە‌لكىم سىز ھە‌م كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىگە پاتقانسىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كىم بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ياردە‌م قولىنى سۇ‌نار؟‏

خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى،‏ ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان ئوتلۇ‌ق مېھىرىدىنمۇ كۈچلۈكتۇ‌ر

خۇ‌دا بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ بۇ‌نى قانداق جە‌زم قىلالايمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ خۇ‌دا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىر ئانا ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالارمۇ؟‏ ئۆز باغرىنى يېرىپ چۈشكە‌ن ئوغلىغا شە‌پقە‌ت قىلماي قالارمۇ؟‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نتۇ‌سىمۇ،‏ مە‌ن سېنى ئە‌سلا ئۇ‌نتۇ‌ماسمە‌ن»‏ a‏.‏

خۇ‌دانىڭ شۇ‌نداق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،‏ كۆڭلىڭىز تە‌سە‌للىي تاپمامدۇ؟‏ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى،‏ ھە‌تتا ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان ئوتلۇ‌ق مېھىرىدىنمۇ كۈچلۈكتۇ‌ر.‏ خۇ‌دا بىزنى ھە‌رگىز تاشلىمايدۇ!‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ «ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد»،‏ ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بىزگە ئاللىقاچان ياردە‌م قولىنى سۇ‌نغان.‏

چىن ئىمان-‏ئېتىقاد سىزنى خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئېتىقاد نۇ‌رغۇ‌نلىغان قىيىنچىلىقلاردىن خالىي بولۇ‌شىڭىزغا،‏ ھە‌تتا خالىي بولۇ‌ش تە‌س بولغان مە‌سىلىلە‌رنى لايىقىدا بىر تە‌رە‌پ قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌نە سىزنى يە‌ھۋاغا يېقىنلاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ قە‌لبىڭىزنى ۋە ئوي-‏پىكرىڭىزنى تىنچلاندۇ‌رىدۇ.‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد يولىدا مېڭىش گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ككە يە‌نى جە‌ننە‌تتىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتە‌كلە‌يدۇ!‏

بىراق،‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد دېگە‌ن نېمە؟‏ ئۇ‌نى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يە‌شايا 49:‏15-‏ئايە‌تكە قاراڭ.‏