ئەيسا پەيغەمبەرنى ئۈلگە قىلىپ، . . .
ھېسداشلىق كۆرسىتىڭ
مۇكەممەل ئىنسان سۈپىتىدە، ھەزرىتى ئەيسا كۆپلىگەن ئادەملەر دۇچ كەلگەن ئاغرىقلارنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمىگەن. ئەمما، ئۇ ئادەملەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان. ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئايىماي، زۆرۈر بولغان ئىشتىن كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشقا تەييار بولغانىدى. دەرھەقىقەت، رەھىم-شەپقەت ئەيسا پەيغەمبەرنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە ئۈندىگەن. 32، 37، 57 ۋە 99-بابلارنى ئوقۇپ، بۇ ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭ.
ئوچۇق يورۇق بولۇڭ
قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئەيسا مەسىھتىن بىمالال ياردەم سورالىغان. سەۋەبى، ئۇ ئۆزىنى ئىنتايىن ئالدىراش ياكى مۇھىم ئادەم قىلىپ كۆرسەتمىگەن. ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىگە سەمىمىي قىزىقىش كۆرسەتكەچ، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلغان. 25، 27 ۋە 95-بابلارنى ئوقۇپ، بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كۆرۈڭ.
دائىم دۇئا قىلىڭ
ئەيسا مەسىھ ئاتىسىغا ئەستايىدىل دۇئا قىلغان. بەزىدە يالغۇز، بەزىدە بولسا، خۇدانىڭ باشقا سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ دۇئا قىلغان. ئۇ پەقەت تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلىپلا قويماي، بەلكى نۇرغۇن باشقا ۋەزىيەتلەردىمۇ دۇئا قىلغان. ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ئۇنى مەدھىيىلەش ياكى مۇھىم قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن يول-يورۇق ئېلىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى. 24، 34، 91، 122 ۋە 123-بابلاردا كەلتۈرۈلگەن مىساللارنى كۆرۈپ چىقىڭ.
پىداكار بولۇڭ
گايىدا ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق چارچاپ، دەم ئېلىشقا مۇھتاج بولغان بولسىمۇ، باشقىلار ئۈچۈن ئۆز ئىستەكلىرىنى قۇربان قىلغان. ئۇ باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن قويغان. ئەيسا پەيغەمبەر پىداكارلىق كۆرسىتىشتە بىزگە ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە 19، 41 ۋە 52-بابلاردىن بىلىۋېلىڭ.
كەچۈرۈمچان بولۇڭ
ئەيسا مەسىھ پەقەت باشقىلارغا كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىپلا قويماي، بەلكى ئۆزىمۇ شاگىرتلىرىنى ۋە باشقا كىشىلەرنى كەچۈرگەن. 26، 40، 64، 85 ۋە 131-بابلارنى ئوقۇپ، بۇ ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ
قىزغىن بولۇڭ
يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى مەسىھنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە دۈشمەنلىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى توغرۇلۇق بېشارەت قىلىنغان ئىدى. شۇڭا، ئەيسا ئۆزىنى ئاياپ، قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، ئۇ پاك ئىبادەتنى قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن. پەرۋاسىزلىققا، ھەتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن ھەزرىتى ئەيسا قىزغىنلىقنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. بۇ ھەققىدە 16، 72 ۋە 103-بابلاردا ئوقۇڭ.
كەمتەر بولۇڭ
ئەيسا پەيغەمبەر نامۇكەممەل ئىنسانلاردىن نۇرغۇن جەھەتلەردە، مەسىلەن بىلىم ۋە دانالىقتا ئۈستۈن تۇراتتى. ئۇ مۇكەممەل بولغاچ، ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي قابىلىيەتلىرى ھەرقانداق كىشىنىڭكىدىن ئارتۇق بولغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارغا خىزمەت قىلغانىدى. 10، 62، 66، 94 ۋە 116-بابلاردا بۇ ھەققىدىكى مىساللارنى بىلەلەيسىز.
سەۋرچان بولۇڭ
شاگىرتلىرى ۋە باشقا كىشىلەر ئەيسا پەيغەمبەرنى ئۈلگە قىلمىغاندا ياكى ئۇنىڭ ئۆگەتكەنلىرىگە ماس ئىش-ھەرىكەت قىلمىغاندا، ئۇ دائىم ئۇلارغا سەۋرچانلىق كۆرسەتكەن. ھەزرىتى ئەيسا سەۋر-تاقەت بىلەن، ئۇلارنى يەھۋاغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەلىملەرنى تەكرار-تەكرار ئۆگەتكەن. 74، 98، 118 ۋە 135-بابلاردىن ئەيسانىڭ سەۋرچانلىقى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.