سۆھبەت باشلاش
4-دەرس
كەمتەرلىك
پرىنسىپ: «كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈڭلار».—فىلىپى. 2:3.
ئەلچى پاۋلۇس نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئەلچىلەر 26:2، 3-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. ئەگەر كەمتەرلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆزلىسەك، كىشىلەر يەتكۈزۈۋاتقان خەۋىرىمىزنى تىڭشاشقا تېخىمۇ قىزىقىشى مۇمكىن.
پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىش
3. ھۆرمەت كۆرسىتىش. كىشىنى ئۆزىمىز ھەممىنى بىلىدىغان، باشقىلار بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغاندەك ھېس-تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ھۆرمەت كۆرسىتىڭ.
4. ھەقىقەتلەرنىڭ مەنبەسى مۇقەددەس كىتاب ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىش. خۇدانىڭ سۆزى كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قىلالايدۇ. ئەگەر بىز مۇقەددەس كىتابنى ئىشلەتسەك، كىشىلەرنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى توغرا ئۇل-ئاساس ئۈستىدە تىكلەپ تۇرغۇزىمىز.
5. كەمتەرلىكنى ساقلاش. ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ چىڭ تۇرۇۋالماڭ. بىز تالاش-تارتىش قىلىشنى خالىمايمىز. تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاش ۋە قاچان كېتىشنى بىلىش ئارقىلىق كەمتەرلىكنى كۆرسىتىڭ (پەند. نە 17:14؛ تىتۇس 3:2). كەمتەرلىك بىلەن جاۋاب قايتۇرساق، كىشى باشقا ۋاقىتتا بىز بىلەن پاراڭلىشىشقا ماقۇل بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
رىملىقلار 12:16–18؛ 1-كورىنت. 8:1؛ 2-كورىنت. 3:5