مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

ئۇ‌كرائىنادىكى دىن ۋە ئۇ‌رۇ‌ش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

ئۇ‌كرائىنادىكى دىن ۋە ئۇ‌رۇ‌ش.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 داڭلىق دىنىي داھىيلارنىڭ ئۇ‌كرائىنادىكى ئۇ‌رۇ‌شقا قارىتا كۆزقاراشتا بولۇ‌ۋاتقانلىقى ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:‏

  •   «روسىيە پراۋىسلاۋىيان چېركاۋنىڭ داھىيسى،‏ باش روھانىي كىرىل روسىيە‌نىڭ تاجاۋۇ‌زچىلىقىغا قارشى بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى.‏ [.‏.‏.‏] ئۇ باش بولغان چېركاۋنىڭ ئۇ‌كرائىنا ھە‌ققىدە ئېلىپ بارغان تە‌شۋىقات پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ،‏ پۇ‌تىن ئۇ‌كرائىناغا قىلغان تاجاۋۇ‌زچىلىق ئۇ‌رۇ‌شنى ئاقلاۋاتىدۇ» (‏EUobserver‏،‏ ياۋرۇ‌پا بىرلىكى كۈزە‌تچىسى،‏ 2022-‏يىل،‏ 7-‏مارت‏)‏.‏

  •   «باش روھانىي كىرىل ئۆزىنىڭ ئە‌ڭ كۈچلۈك كۆزقارىشى ھە‌ققىدە خە‌ۋە‌ر بېرىپ،‏ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇ‌كرائىناغا تاجاۋۇ‌ز قىلىشىنى ئاقلىدى،‏ يە‌نى بۇ ئۇ‌رۇ‌شنى گۇ‌ناھقا قارشى تۇ‌رۇ‌شنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە تە‌سۋىرلىدى» (‏AP News‏،‏ ئامېرىكا بىرلە‌شمە ئاگېنتلىقى،‏ 2022-‏يىل،‏ 8-‏مارت‏)‏.‏

  •   «ئۇ‌كرائىنا پراۋىسلاۋىيان چېركاۋسى رە‌ھبىرى،‏ كىيېۋ چوڭ شە‌ھىرى باش روھانىيسى ئېپىفانىئۇ‌س،‏ دۈشە‌نبە كۈنى ئۆز خە‌لقىگە،‏ روسىيە تاجاۋۇ‌زچىلىرىغا قارشى ئۇ‌رۇ‌ش قىلىش ئۈچۈن بە‌رىكە‌ت تىلىدى.‏.‏.‏ [ئۇ] يە‌نە روسىيە ئە‌سكە‌رلىرىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇ‌ناھ ئە‌مە‌سلىكىنى بايان قىلدى» (‏Jerusalem Post‏،‏ يېرۇ‌سالىم پوچتا گېزىتى،‏ 2022-‏يىل،‏ 16-‏مارت‏)‏.‏

  •   «بىز ئۇ‌كرائىنا چېركاۋلار ۋە دىنىي تە‌شكىلاتلار كېڭىشى،‏ ئۇ‌كرائىنا قوراللىق ھە‌ربىي قىسىملىرىنى ۋە بارلىق قوغدىغۇ‌چىلىرىمىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يمىز،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۇ‌كرائىنانى تاجاۋۇ‌زچىدىن قوغداش ئۇ‌رۇ‌شىغا بە‌رىكە‌ت تىلە‌پ،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىمىز» (‏ aUCCRO‏،‏ ئۇ‌كرائىنا چېركاۋلار ۋە دىنىي تە‌شكىلاتلار كېڭىشى باياناتى،‏ 2022-‏يىلى 24-‏فېۋرال)‏‏.‏

 سىز قانداق قارايسىز؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھكە ئە‌گىشىمىز دە‌يدىغان دىنلار كىشىلە‌رنى ئۇ‌رۇ‌شقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە دېيىلگە‌ن؟‏

دىننىڭ تارىخى ئۇ‌رۇ‌شلاردىكى رولى

 تارىخ شۇ‌نى ئىسپاتلىدىكى،‏ دىن تىنچلىق ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلغان ھالە‌تكە كىرىۋېلىپ،‏ ھە‌ردائىم ئۇ‌رۇ‌شنى ئە‌يىبلىمىگە‌ن،‏ ئاقلىغان،‏ ھە‌تتا تە‌شە‌ببۇ‌س قىلغان.‏ نە‌چچە ئونلىغان يىللاردىن بۇ‌يان،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بۇ‌نداق دىنىي ساختىپە‌زلىكنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتىدۇ.‏ نە‌شرى ماتېرىياللىرىمىزدا تىلغا ئېلىنغان بە‌زى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

  •   «‏ئە‌ھلى سە‌لىپلە‌رنىڭ شە‌رىقكە يۈرۈش قىلىشى —‏ ئېچىنىشلىق خام خىيال‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىدە،‏ خۇ‌دا ۋە مە‌سىھنىڭ نامىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلارغا رىم كاتولىك چېركاۋسىنىڭ جاۋابكار ئىكە‌نلىكى كۆرسىتىلگە‌ن.‏

  •   «‏ئافرىقىدىكى كاتولىك چېركاۋسى‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىدە،‏ دىننىڭ قە‌بىلىلە‌ر ئارىسىدىكى ئۇ‌رۇ‌شلارنى،‏ ھە‌تتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنىڭ بىر مىسالى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏

  •   «‏دىن ئە‌يىبلىكمۇ؟‏‏»،‏ «‏دىننىڭ ئۇ‌رۇ‌شلاردا ئوينىغان رولى‏» ۋە «‏دىن تە‌رە‌پ تۇ‌تىدۇ‏» (‏باشقا تىلدا)‏ قاتارلىق ماقالىلە‌ردە،‏ كاتولىك،‏ پراۋىسلاۋىيان ۋە پروتېستانت دىنىي رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئۇ‌رۇ‌شلاردا ھە‌ر ئىككىلا تە‌رە‌پنى قانداق قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌نلىكى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏

ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى دە‌پ ئاتالغان دىنلار ئۇ‌رۇ‌شنى قوللىشى كېرە‌كمۇ؟‏

 ئە‌يسا مۇ‌نداق تە‌لىم بە‌رگە‌ن:‏ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆي» (‏مە‌تتا 22:‏39‏)‏.‏ «سىلە‌رگە دۈشمە‌نلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىڭلار » (‏مە‌تتا 5:‏44–‏47‏)‏.‏

 ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ بىر دىن ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا،‏ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى ھە‌م ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ھە‌ققىدىكى بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌شقا ھە‌م ئۇ‌رۇ‌شتا باشقىلارنى ئۆلتۈرۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلالامدۇ؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن «‏ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ۋە ئۇ‌رۇ‌ش‏» ۋە «‏ئىنساننىڭ ئۆز دۈشمىنىنى سۆيە‌لىشى مۇ‌مكىنمۇ؟‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۈپ ئە‌مە‌س.‏ ئە‌گە‌ر مە‌نسۈپ بولسىدى،‏ شاگىرتلىرىم مېنىڭ يە‌ھۇ‌دىيلارغا تاپشۇ‌رۇ‌لماسلىقىم ئۈچۈن جە‌ڭ قىلغان بولاتتى» (‏يۇ‌ھاننا 18:‏36‏)‏.‏ «قىلىچ كۆتۈرگە‌نلە‌ر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ» (‏مە‌تتا 26:‏47–‏52‏)‏.‏

 ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ ئە‌گە‌ر مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ھە‌تتا ھە‌زرىتى ئە‌يسانى قوغداش ئۈچۈن ئۇ‌رۇ‌ش قىلمىغان بولسا،‏ باشقا ھە‌رقانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر بىلە‌ن قولىغا قورال ئېلىشى كېرە‌كمۇ؟‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى ۋە تە‌لىملىرىگە قانداق ئە‌گە‌شكە‌نلىكىنى بىلىش ئۈچۈن «‏ئۇ‌رۇ‌ش مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ دىنىي-‏ئېتىقادىغا ماس كېلە‌مدۇ؟‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئۇ‌رۇ‌شنى تە‌شە‌ببۇ‌س قىلغان دىنلارغا نېمە بولار؟‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسا مە‌سىھكە ۋە‌كىللىك قىلىمىز دە‌پ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرى بويىچە ماڭمايدىغان دىنلارنى خۇ‌دانىڭ رە‌ت قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ (‏مە‌تتا 7:‏21–‏23؛‏ تىتۇ‌سقا 1:‏16‏)‏.‏

  •   ۋە‌ھىي كىتابىدا،‏ «يە‌ر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ» ئۆلۈمى ئۈچۈن،‏ خۇ‌دانىڭ شۇ‌نداق دىنلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگە‌ن (‏ۋە‌ھىي 18:‏21،‏ 24‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى بىلىش ئۈچۈن «‏كاتتا بابىلون دېگە‌ن نېمە؟‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

  •   ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ خۇ‌ددى ياخشى مېۋە بە‌رمە‌يدىغان دە‌رە‌خ«كېسىلىپ ئوتقا» تاشلانغاندە‌ك،‏ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن رە‌ت قىلىنغان بارلىق دىنلار يامان ئىشلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 7:‏15–‏20‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن «‏يالغان دىننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى يېقىن!‏‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

Photo credits, left to right: Photo by Sefa Karacan/Anadolu Agency/Getty Images; Maxym Marusenko/NurPhoto via Getty Images

a ئۇ‌كرائىنا چېركاۋلار ۋە دىنىي تە‌شكىلاتلار كېڭىشى _ پراۋىسلاۋىيان،‏ گرېك،‏ رىم كاتولىكلىرى ۋە پروتېستانتلارغا ۋە‌كىللىك قىلىدىغان 15 چېركاۋنى ھە‌مدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر (‏Evangelical‏)‏ يە‌تكۈزچىلە‌ر مە‌زھە‌پلىرى،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ۋە مۇ‌سۇ‌لمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏