Privacy Settings

To provide you with the best possible experience, we use cookies and similar technologies. Some cookies are necessary to make our website work and cannot be refused. You can accept or decline the use of additional cookies, which we use only to improve your experience. None of this data will ever be sold or used for marketing. To learn more, read the Global Policy on Use of Cookies and Similar Technologies. You can customize your settings at any time by going to Privacy Settings.

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | ئىنسانلارنىڭ خۇ‌دانى سۆيۈشىنى قىيىنلاشتۇ‌رىدىغان يالغانچىلىقلار

خۇ‌دا تاش يۈرە‌ك دېگە‌ن يالغانچىلىق

خۇ‌دا تاش يۈرە‌ك دېگە‌ن يالغانچىلىق

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئىشىنىدىغان يالغانچىلىق

«ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىنلا ئۇ‌نىڭ جېنى مە‌ڭگۈ ئۆچمە‌س دوزاخ ئوتىغا تاشلىنىدۇ»—‏Catechism of the Catholic Church‏.‏ بە‌زى دىن رە‌ھبە‌رلىرى دوزاختىكى كىشىلە‌ر پۈتۈنلە‌ي خۇ‌دادىن ئايرىۋېتىلگە‌ن دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌ت

«گۇ‌ناھ قىلغۇ‌چى جان ئېگىسى ئۆلىدۇ‏» (‏ھە‌زە‌كىيال 18:‏4‏)‏.‏ «ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر ھېچنېمىنى بىلمە‌يدۇ» (‏ۋە‌ز 9:‏5‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىنىڭ جېنى ئۆلسە،‏ ئۇ قانداقمۇ مە‌ڭگۈ ئۆچمە‌س دوزاخ ئوتىدا ئازابلانسۇ‌ن؟‏

‏«دوزاخ» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان ئىبرانىي ۋە گرېك سۆزلىرى ئە‌سلىدە گۆرىستانلىق،‏ قە‌برىستانلىق ياكى تە‌ھتىسارا دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر كېسە‌ل ئازابى چە‌ككە‌ندە،‏ ئۇ خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاھ،‏ تە‌ھتىساراغا [بە‌زى تە‌رجىمىلە‌ر «دوزاخقا» دېگە‌ن سۆزىنى ئىشلىتىدۇ] مېنى يوشۇ‌رۇ‌پ قويساڭ ئىدى» (‏ئايۇ‌پ 14:‏13‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ پە‌يغە‌مبە‌ر تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ئازابلايدىغان جايدا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى گۆردە ئېرىشىشنى خالىغان.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم

رە‌ھىمسىزلىك بىزنى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رمايدۇ،‏ ئە‌كسىنچە ئۇ‌نىڭدىن يىراقلاشتۇ‌رىدۇ.‏ مېكسىكىدا ياشاۋاتقان روسىئو ئىسىملىك ئايال مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بالىلىق چېغىمدىن ماڭا دوزاخ ئوتى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرە‌تتى.‏ مە‌ن بۇ‌نىڭدىن بە‌كمۇ قورقاتتىم ۋە ھە‌تتا خۇ‌دانىڭ قانداقتۇ بىر ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنىڭ بارلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌رمۇ قىلالمايتتىم.‏ مە‌ن ئۇ‌نى تاش يۈرە‌ك ۋە رە‌ھىمسىز دە‌پ ئويلايتتىم».‏

تە‌ڭرىنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رنىڭ ھالىتى ھە‌ققىدىكى بىلىملە‌ر روسىئونىڭ خۇ‌داغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتتى.‏ ئۇ:‏ «مە‌ن ئۆزۈمنى خۇ‌ددى يە‌لكە‌مدىن بىر ئېغىر يۈك چۈشكە‌ندە‌ك ھېس قىلدىم.‏ تە‌ڭرى بىزگە ئە‌ڭ ياخشىسىنى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نى سۆيە‌لە‌يدىغانلىقىمنى كۆرۈپ يە‌تتىم.‏ ئۇ خۇ‌ددى بالىلىرىنىڭ قوللىرىنى مە‌ھكە‌م تۇ‌تۇ‌پ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى ھىمايە قىلىدىغان كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشاش».‏—‏يە‌شايا 41:‏13‏.‏

نۇ‌رغۇ‌نلار دوزاخ ئوتىدىن قورقۇ‌پ،‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ بىراق،‏ ياراتقۇ‌چى سىزنىڭ ئۇ‌نىڭدىن قورققاچقا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىڭىزنى خالىمايدۇ.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ «خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋانى .‏.‏.‏ سۆيگىن‏»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏ماركۇ‌س 12:‏29،‏ 30‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دانىڭ ھە‌رگىزمۇ ئادالە‌تسىزلىك قىلمايدىغانلىقىنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كېلە‌چە‌كتىكى چىقارغان ھۆكۈملىرىگە ئىشىنىش ئاسان بولىدۇ.‏ ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ دوستى ئېلىخۇ‌غا ئوخشاش،‏ بىزمۇ تولۇ‌ق ئىشە‌نچ بىلە‌ن:‏ «ھە‌ق خۇ‌دا ھە‌رگىز يامانلىق قىلمايدۇ،‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ھە‌رگىز ئادالە‌تسىزلىك قىلمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتالايمىز.‏—‏ئايۇ‌پ 34:‏10‏.‏