مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ
ۋاقىتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
«ئەگەر تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقتىم بولغان بولسىچۇ؟» سىز بۇنى قانچە قېتىم ئېيتتىڭىز؟ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەيلى ھوقۇقدارلار، بايلار، كەمبەغەللەر ياكى ئاددىي كىشىلەر بولسۇن، ۋاقىت ھەممىسى ئۈچۈن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بايلار ياكى كەمبەغەللەر بولسۇن، ھېچكىم ۋاقىتنى توپلىيالمايدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ھېچقانداق ئامالى يوق. شۇڭا، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش دانالىقتۇر. قانداق قىلىپ؟ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا ياردەم بەرگەن تۆت مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقايلى.
1-مەسلىھەت: تەرتىپ-ئىنتىزاملىق بولۇش
نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېنىقلاڭ. مۇقەددەس كىتابتا قايسى نەرسىنىڭ مۇھىمراق ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈڭ دېگەن مەسلىھەت بار (فىلىپىلىكلەر 1:10). مۇھىم ۋە جىددىي ئىشلارنىڭ تىزىملاپ قويۇڭ. بىراق شۇنى ئەستە ساقلاڭكى، مەسىلەن كەچلىك تاماق ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكلەرنى سېتىۋېلىش دائىم جىددىي بىر ئىش بولماسلىقى مۇمكىن. جىددىي بولۇپ كۆرۈنگەن ئىشلار بولسا، مەسىلەن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى باشلايدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈش مۇھىم بولماسلىقى كېرەك.
ئالدىن-ئالا پىلانلاش. «كىشى گال بولغان تۆمۈر ئەسۋاپنى ئىتتىك قىلمىسا، چوڭراق كۈچ ئىشلەتمەك لازىم كېلەدۇر» (ۋەز 10:10). بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ خۇددى ئۆز ئىشىنى باشلاشتىن ئاۋۋال پالتىسىنى بىلىگەن ئىشچىغا ئوخشاش، ئىشلىرىڭىزنى ئالدىن-ئالا پىلانلىسىڭىز، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈكرەك پايدىلىنالايسىز. ۋاقىت ۋە كۈچنى ئىسراپ قىلىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارنى كېيىنگە قالدۇرۇڭ ياكى باشلىماڭ. ئىشىڭىزنى مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتۈرۈپ، بوش ۋاقتىڭىز قالغان بولسا، كېيىنگە قالدۇرۇلغان ئىشنى قىلىڭ. سىز ئۆز ۋاقتىدا پالتىسىنى بىلىگەن ئىشچىغا ئوخشاش، ئىشلىرىڭىزنى ئالدىن-ئالا پىلانلاپ قويسىڭىز، ئۇلارنى ئۈنۈملۈكرەك قىلالايسىز.
ھاياتىڭىزنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ. كۆپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا «ياق» دېيىشنى ئۆگىنىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈش ئادەمنى غەم-تەشۋىشكە سېلىپ، خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىشى مۇمكىن.
2-مەسلىھەت: ۋاقىتنى ئوغۇرلايدىغان ئىشتىن قېچىڭ
كېيىنرەك قىلىشقا قالدۇرۇش ۋە ئىككىلىنىش. «شامالغا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت تېرىماس ۋە بۇلۇتقا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت ئورىماس» (ۋەز 11:4). بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ئىشنى كېيىنرەك قىلىشقا قالدۇرۇش ئادىتى ۋاقىتنى ئوغۇرلايدۇ ۋە ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشۈرىدۇ. مۇكەممەل ھاۋا رايىنى كۈتىدىغان دېھقان ھېچقاچان تېرىمايدۇ ھەم ھوسۇلمۇ يىغالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ھاياتىمىزدا تۇراقسىزلىقلار ۋە ئېنىقسىزلىقلار كۆپ بولغاچ، بىز ئىككىلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ياكى بولمىسا، بارچە كېرەكلىك مەلۇماتلارنى يىغىپ بولمىغۇچە قارار چىقىرىشنى كەينىگە سۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، مۇقەددەس كىتابتىكى «ئەخمەق ئادەم ھەر سۆزگە ئىشىنەر، لېكىن ھوشىيار ئادەم ئۆز رەفتارىنى [قەدىمىنى] ئويلايدۇر» دېگەن سۆزلەر ئەقىلگە بەك مۇۋاپىق (پەندى-نەسىھەت 14:15). ئەمما، كۆپ قارارلارنى چىقارغاندا، نەتجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا بىلەلمەيمىز (ۋەز 11:6).
ھەممە ئىشلاردا مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش. مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «يۇقىرىدىن چۈشكەن دانالىق ... غەرەز ئۇقىدۇ» (ياقۇپ 3:17). ئەلۋەتتە، يۇقىرى ئۆلچەملەرنى قويۇشنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ! لېكىن، بەزىدە ئۆز ئىشىدا بەك يۇقىرى ئۆلچەمنى يەنى مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ئۈمىدسىزلىككە، ھەتتا مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولۇشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، باشقا تىلنى ئۆگىنىۋاتقان كىشى خاتا سۆزلەشكە تەييار بولۇشى كېرەك. سەۋەبى، ئۇ ئۆز خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئالىدۇ. بىراق، مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىدىغان كىشى بىرەر نەرسىنى خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن قورقىدۇ. بۇنداق كۆزقاراش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. ئۆزۈمىزگە قارىتا كەمتەر بولۇش نەقەدەر ياخشى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! پەندى-نەسىھەت 11:2-ئايەتتە [ي.د.]: «كەمتەرلەرگە بولسا دانالىق ھەمراھتۇر»،— دەپ يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، كەمتەر ۋە كىچىك پېئىل ئادەملەر ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم دەپ قارىمايدۇ، ھەتتا ئۆزى ئۈستىدىن كۈلۈشى مۇمكىن.
بىز بىر نەرسىنى سېتىۋالغاندا، تۆلىگىنىمىز ئەسلىدە پۇل ئەمەس، بەلكى ۋاقىت. («What to Do Between Birth and Death»؛ ئىنگىلىزچە).
3-مەسلىھەت: تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاڭ.
ئىش ۋە دەم ئېلىشقا بولغان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاڭ. «ئارام بىلەن تاپقان بىر چاڭگال نەرسە، شامالنى قوغلاپ مۇشەققەت بىلەن تاپقان ئككى چاڭگال نەرسىدىن ياخشىدۇر» (ۋەز 4:6). ئادەتتە باش چۆكۈرۈۋېلىپ ئىشلەيدىغان كىشىلەر «ئىككى قولدىكى جىق» نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا «جاپالىق ئىشلەپ»، مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پەقەت ۋاقتى ھەم كۈچى قالمايدۇ. ھورۇنلار بولسا، «ئىككى قولىنى» ئارام ئالدۇرۇشنى تاللاپ، قىممەتلىك ۋاقىتنى بېكاردىن-بېكار ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. مۇقەددەس كىتاب بىزنى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ۋە ئەمگىكىمىزنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق خۇشاللىق خۇدانىڭ سوۋغىتى ياكى «خۇدانىڭ بىر ھەدىيەسىدۇر» (ۋەز 5:19).
ئۇيقۇنى قۇربان قىلماڭ. مۇقەددەس كىتابنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى: «سالامەتلىكتە ]تىنچ-خاتىرجەملىكتە[ يېتىپ ئۇخلاي»،— دەپ ئېيتقان (زەبۇر 4:8). قۇرامىغا يەتكەنلەر كۆپىنچىسى جىسمانىي، ھېسسىي ۋە ئەقلىي كۈچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى كەم دېگەندە سەككىز سائەت ئۇخلاشقا مۇھتاج. ئۇيقۇنى تېجەشنىڭ ھاجىتى يوق، سەۋەبى ئۇ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئەقلىي كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەمما، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئۆگىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، ھادىسىلەرنى، خاتالىق ياكى ئاچچىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېتەلىگۈدەك مەقسەتلەرنى قويۇڭ. «كۆز كۆرگەن نەرسە جان ئارزۇ قىلغان نەرسىدىن ياخشىدۇر» (ۋەز 6:9). بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئەقىل-ئىدراكلىك كىشى خام-خىيال ياكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنىڭ ھاياتىنى تىزگىنلىشىگە يول بەرمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئېلانلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئەگەشمەيدۇ ياكى ئاسانلا قەرز ئالمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇ ئۆزىدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇپ قانائەتچان بولۇشنى ئۆگىنىدۇ.
4-مەسلىھەت: قىممەت قارىشىغا ئىگە بولۇڭ.
قىممەت قاراشلىرىڭىز ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈڭ. توغرا قىممەت قارىشى نېمە ياخشى، مۇھىم ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭىزنى ئوقيانىڭ ئوقى دېسەك، قىممەت قاراشلىرىڭىز ئۇنىڭغا نىشاننى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، توغرا قىممەت قاراش ھاياتتا مۇھىمراق نەرسىلەرنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ۋە ھەر بىر كۈندىن ۋە ھەر سائەت ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. توغرا قىممەت قارىشىنى قەيەردىن تېپىشقا بولىدۇ؟ نۇرغۇن ئادەملەر مۇقەددەس كىتابنى چەكسىز دانالىقنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئىزدەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 2:6، 7).
سۆيگۈ-مۇھەببەت ھاياتىڭىزدا مۇھىم رول ئوينىسۇن. مۇقەددەس يازمىلاردا، «كامىللىقنىڭ باغلانچىسى ]رىشتىسى[ بولغان مۇھەببەتنى كىيىڭلار» دەپ يېزىلغان (كولوسىلىقلار 3:14). ئېنىقكى، ئائىلىمىزدە سۆيگۈ-مۇھەببەت ھۆكۈم سۈرمىسە، بىز ھەقىقىي بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلمەيمىز. بۇنىڭغا پەرۋاسىزلىق قىلىپ، مال-دۇنيا ۋە مۇۋەپپەقىيەت قوغلىشىدىغانلار ئەسلىدە بەخت ۋە خۇشاللىقتىن مەھرۇم. شەك-شۈبھىسىزكى، مۇقەددەس كىتاب سۆيگۈ-مۇھەببەتنى نەچچە يۈز قېتىملاپ تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن (1-كورىنتلىقلار 13:1—3؛ 1-يۇھاننا 4:8).
روھىي ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ. جېف ئىسىملىك ئەر كىشىنىڭ مېھرىبان ئايالى ۋە ئوماق ئىككى پەرزەنتى، سادىق دوستلىرى بار ئىدى. ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى سۈپىتىدە مۇكاپاتى ياخشى ئىشىنى قىلاتتى. بىراق، ئۇ ئۆز ئىشىدا پات-پات ئۆلۈم ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇ: «ھايات چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ؟»—دەپ ئۆز-ئۆزىدىن سورىغان. بىر كۈنى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپتى.
جېف ئالغان بىلىملەر توغرۇلۇق ئايالى ۋە بالىلىرىغا ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇلارمۇ قىزىقىش كۆرسەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى ۋە مەنىلىك ھايات كەچۈرۈپ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگەندى. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۇلارغا يەنە ئۆلۈم ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن خالىي دۇنيادا مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بەردى (ۋەھىي 21:3، 4).
جېفنىڭ مىسالى، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ: «ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان مۇھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك!»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (مەتتا 5:3؛ ي.د.). سىزمۇ روھىي ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشقا تەييارمۇ؟ شۇنداق قىلسىڭىز، پۈتۈن ھاياتىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان دانالىققا ئېرىشەلەيسىز.