مېھىر-شەپقەتلىك ياراتقۇچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايسىز
ئۇرۇش، زوراۋانلىق ۋە جىنايەتتىن خالىي دۇنيادا ياشاشنى خالامسىز؟
ئاغرىق، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئۆلۈمنىڭ يوق بولۇشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟
غەم-تەشۋىشسىز ھايات كەچۈرۈشنى ئارمان قىلامسىز؟
تەبىئىي ئاپەتلەر بولمايدىغان جايدا ياشاشنى ئارزۇ قىلامسىز؟
گۈزەل يەر-جاھاننىڭ ياراتقۇچىسى، مېھىر-شەپقەتلىك ئاللا ئادەمزاتنى تىنچ-خاتىرجەم ۋە بەختكە تولغان ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. بۇ قۇرۇق خام خىيال ئەمەس.
كېلەركى ماقالىلەردە، ئۇشبۇ سوئاللارغا جاۋابلارنى تاپالايسىز:
ياراتقۇچى ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟
ئاللانىڭ سۆزىدە نېمە يېزىلغان؟
پەيغەمبەرلەر ياراتقۇچىنىڭ بۈگۈنكى ۋە كېلەچەكتىكى بەرىكەتلىرى ھەققىدە نېمىنى ئاشكارە قىلغان؟
بۈگۈنكى كۈندە شاد-خۇرام بولۇش ۋە كېلەچەكتە مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟
كېلىڭ، ياراتقۇچى ئىنسانلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.