خۇدانىڭ ھۆكۈملىرى. ئۇ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ يېتەرلىك ۋاقىت بېرەمدۇ؟
ھاۋا رايىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۈزىتىدىغان مۇتەخەسسىس شىددەتلىك يامغۇرلۇق قارا بوراننىڭ ئادەملەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونغا تېز يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى دەيلى. ئادەملەرنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا بولغانلىقتىن، ئۇ تېخى ۋاقىت بار چاغدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەۋەر قىلىپ، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا خۇدا ئىنسانلارنى ھەرقانداق بوراندىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك بىر «بوران-چاپقۇن» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا. ئۇ قانداق ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋا خۇدانىڭ ئادەملەرنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، كېلىڭلار، ئاۋۋال خۇدانىڭ ئادەملەرنى ئۆتمۈشتە قانداق ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
خۇدا ئالدىن-ئالا ئاگاھلاندۇرىدۇ
قەدىمدە يەھۋا خۇدا ھەرقانداق «بوران-چاپقۇنلار»، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەمىرلىرىگە ئەتەي بويسۇنمىغانلارغا قارشى چىقارغان سوت ھۆكۈملىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان (پەند. نە 10:25؛ يەرەم. 30:23). يەھۋا خۇدا ھەرقاچان ئۇلارغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئالدىن-ئالا ئېيتىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە لايىق ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشقا ۋاقىت بەرگەنىدى (2-پادىشاھ. 17:12—15؛ نەھەم. 9:29، 30). ئادەملەرگە كېرەكلىك ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەھۋا خۇدا سادىق خىزمەتچىلىرىنى ئەۋەتكەن. ئۇلار خۇدانىڭ ھۆكۈملىرىنى ئېلان قىلغان ۋە ئادەملەرنى جىددىي ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندىگەن.—ئاموس 3:7.
خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى نۇھ پەيغەمبەر. ئۇ ئەخلاقسىز ۋە زوراۋان زامانداشلىرىنى كېلىدىغان توپان سۈيى توغرۇلۇق قورقماي نۇرغۇن يىل ئاگاھلاندۇرغانىدى (يارىت. 6:9—13، 17). شۇنداقلا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ ئېيتقان. نۇھ پەيغەمبەر بۇ توغرۇلۇق بەك كۆپ ئېيتقانكى، مۇقەددەس كىتابتا ئۇنى ھەققانىي يولغا دەۋەت قىلغۇچى دەپ يېزىلغان.—2-پېتر. 2:5.
نۇھ پەيغەمبەر بار كۈچىنى چىقىرىپ ۋەز قىلغان بولسىمۇ، ئادەملەر توپان سۈيى ھەققىدە خۇدادىن كەلگەن خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغان. ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادى بولمىغانلىقتىن، ھەممىسى توپان سۈيىدە ھالاك بولغانىدى (مەتتا 24:39؛ ئىبرانىي. 11:7). شۇ ئىتائەتسىز كىشىلەر خۇدا بىزنى ئاگاھلاندۇرمىدى، دەپ ئېيتالمىغان.
بەزى ۋاقىتلاردا يەھۋا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىشقا ئاز ۋاقىت قالغاندا ئاگاھلاندۇرغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئادەملەرگە ئۆزگىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بەرگەن. مەسىلەن، قەدىمدە مىسىرغا ئون جازانى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، ئۇ مىسىرلىقلارنى ئاگاھلاندۇرغان. يەتتىنچى جازانى ئەۋەتىشتىن بۇرۇن، يەھۋا خۇدا مۇسا بىلەن ھارۇننى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ، قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان. ئەتىسى مۆلدۈردىن ئامان قېلىش ئۈچۈن، يەھۋا خۇدا ئادەملەرگە يېتەرلىك ۋاقىت بەرگەنمۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا فىرئەۋننىڭ يەھۋانىڭ سۆزلىرىدىن قورققان خىزمەتكارلىرى ئۆز چاكارلىرىنى ھەم مېلىنى ئۆيلىرىدە باشپانا قىلىپ، يەھۋا سۆزىگە قۇلاق سېلىشقا يۈرىكىنى ئۈندىمىگەن خىزمەتكارلىرى بولسا، ئۆز چاكارلىرى بىلەن مېلىنى ئېتىزدا قويۇپ قويغانلىقى يېزىلغان (چىق. 9:18—21). يەھۋا خۇدا ئادەملەرگە ئامان قېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بەرگەنلىكى ئېنىق. شۇڭا، ئاگاھلاندۇرۇشقا دەرھال قۇلاق سالغانلار جازادىن قۇتۇلۇپ قالغان.
خۇدا ئونىنچى جازانى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى، فىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قۇللىرىنىمۇ ئاگاھلاندۇرغانلىقى سۆزسىز، ئەمما ئۇلار بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا پەرۋا قىلمىغان (چىق. 4:22، 23). نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ھەممە تۇنجى ئوغۇللىرى ئۆلۈپ كەتكەن (چىق. 11:4—10؛ 12:29). لېكىن، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سېلىپ، تۇنجى ئوغۇللىرىنى قۇتقۇزالاتتىمۇ؟ ھەئە! مۇسا ئىسرائىللىقلارنى ئونىنچى جازا توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامان قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئالدىن ئېيتقان (چىق. 12:21—28). بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قانچە ئادەم قۇلاق سالغان؟ بەزى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مىسىردىن ئۈچ مىليون ئادەم، شۇ جۈملىدىن ئىسرائىللىقلار، ھەرخىل خەلقلەردىن بولغان كۆپچىلىك ۋە مىسىرلىقلار چىقىپ، خۇدانىڭ جازاسىدىن ئامان قالغان.—چىق. 12:38.
بۇ مىساللاردىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا خۇدا ئادەملەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بېرىدۇ (تەكرار. قا 32:4). خۇدا نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ ئەلچى پېترۇس چۈشەندۈرگەندەك، يەھۋا «ھېچكىمنىڭ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، ئەكسىچە ھەممە ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ» (2-پېتر. 3:9). ھەئە، يەھۋا خۇدا ئادەملەرگە غەمخورلۇق قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈم كۈنىگە تېخى ۋاقىت بار چاغدا كېرەكلىك ئۆزگىرىشلەرنى قىلىشىنى خالىغان.—يەشايا 48:17، 18؛ رىملىقلار 2:4.
خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سېلىڭ
بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ جاي جايلىرىدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتىدۇ، ھەممە كىشى بۇنىڭغا چوقۇم قۇلاق سېلىشى زۆرۈر. ئەيسا يەر يۈزىدە ۋەز قىلغان چاغدا، ئادەملەرنى بۇ دۇنيا تۈزۈمى دەھشەتلىك بالايىئاپەتتە يوق قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئەسكەرتكەن (مەتتا 24:21). ئۇ كېلەچەكتىكى ھۆكۈم ئالدىدا قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي تەسۋىرلىگەن. ئەيسا ئالدىن ئالا ئېيتقان مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز.—مەتتا 24:3—12؛ لۇقا 21:10—13.
يەھۋا خۇدا ھەممە ئادەملەرنى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا ۋە بويسۇنۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۇ ئىتائەتچان ئىنسانلارنىڭ ھازىرمۇ بەختلىك ھايات كەچۈرۈشىنى ۋە كېلەچەكتىكى جەننەتتىمۇ مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشىشىنى خالايدۇ (2-پېتر. 3:13). يەھۋا ئادەملەرگە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشىنىشكە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان خەۋەرنى بەرگەن. بۇ «بارچە مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن» ۋەز قىلىنىدىغان «پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى» (مەتتا 24:14). خۇدا بۇ خەۋەرنى جاكارلاشنى خىزمەتچىلىرىگە تاپشۇرغان، ئۇلار 240قا يېقىن دۆلەت ۋە رايونلاردا ۋەز قىلماقتا. يەھۋا خۇدا كۆپرەك ئادەملەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ ئادىل سوراق كۈنىدىكى جازا ھۆكۈمىدىن ئامان قېلىشىنى خالايدۇ.—سەفنىيا 1:14، 15؛ 2:2، 3.
تارىختىن بۇيان كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا خۇدا ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سېلىش ئۈچۈن ئادەملەرگە دائىم يېتەرلىك ۋاقىت بېرىدۇ. شۇڭا، مەسىلە خۇدانىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىدە ئەمەس، ئادەملەرنىڭ شۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سېلىشىدا. ئۇنداقتا، كېلىڭلار، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى سۈپىتىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرى يېتىپ كەلگىچە كۆپرەك ئادەملەرنىڭ ئامان قېلىشى ئۈچۈن تىنماي ياردەم بېرەيلى.