سىز بىلەمسىز؟
ئەيسانىڭ زامانىدا ئادەملەر قانداق باجلارنى تۆلىشى كېرەك بولغان؟
قەدىمقى زاماندىن تارتىپ، ئىسرائىللار پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن پۇل بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان ئىدى. ئەمما، ئەيسانىڭ زامانىدا يەھۇدىيلار نۇرغۇن باج-سېلىقلارنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرغان.
دەسلەپتە ئىبادەت چېدىرىدا، كېيىنرەك ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قورامىغا يەتكەن، يەنى يىگىرمە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى يەھۇدىي ئەرلەر يېرىم شەكەل (2 دراخما) تۆلىشى كېرەك ئىدى. بىرىنچى ئەسىردە، شۇ پۇللار ھىرود ياساتقان ئىبادەتخانىنى ئاسراپ تۇتۇش ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. بەزى يەھۇدىيلار پېترۇستىن ئەيسانىڭ سېلىق تۆلەشكە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. ئەيسا باج تۆلەشنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ھەتتا، ئەيسا باج تۆلەش ئۈچۈن بېرىدىغان بىر تەڭگىنى، پېترۇسنىڭ نەدىن تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.—مەتتا 17:24—27.
شۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ خەلقى ئالغان ھوسۇلىنىڭ ياكى ئىش ھەققىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى بېرىشى كېرەك ئىدى (لاۋى. 27:30—32؛ سانلار 18:26—28). دىنىي يېتەكچىلەر ھەر تۈرلۈك كۆكتات، ھەتتا يالپۇز، ئارپا بەدىيان ۋە زىرىگە ئوخشاش خۇشپۇراقلارنىڭمۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى چوقۇم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەيسا ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى بېرىشنى خاتا دېمىگەن. ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلىغان.—مەتتا 23:23.
شۇ زاماندا ئىسرائىللار رىم ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغاچ، رىملىقلارغا تۈرلۈك سېلىقلارنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغان. مەسىلەن، يەر ئىگىلىرى پۇلىنىڭ ياكى ھوسۇلىنىڭ 20-25 پىرسەنتىنى ھۆكۈمەتكە باج سۈپىتىدە بېرىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا ھەر بىر يەھۇدىي ئادەم بېشىغىمۇ پۇقرالىق بېجى تۆلىشى كېرەك ئىدى. پەرىسىيلەر ئەيسادىن مۇشۇ باج ھەققىدە سورىغان. ئەيسا باج تۆلەشكە قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: « قەيسەرنىڭكىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭكىنى بولسا خۇداغا تاپشۇرۇڭلار».—مەتتا 22:15—22.
سودىگەرلەر بىر رايوندىن ئىككىنچى رايونغا ماللارنى ئېلىپ كىرگەندە ياكى چىققاندا، باج تۆلىشى كېرەك ئىدى. پورتلار، كۆۋرۈكلەر، يولنىڭ ئۆتۈشمە ئېغىزلىرى، شەھەرلەر ياكى بازارلارغا كىرىش ئېغىزلىرىدا، شۇ باجلار يىغىلاتتى.
رىم ھۆكۈمىتىنىڭ ئاستىدا ئادەملەرگە مۇشۇ ھەممە باج-سېلىقلارنى تۆلەش بەك ئېغىر بولغان. رىملىق تارىخشۇناس تاسىتۇسنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەيسانىڭ زامانىدا، يەنى تىبېرىيۇس ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، سۈرىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى باج-سېلىقنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى ئازايتىشنى ئۆتۈنگەن.
ئاشۇ باج-سېلىقنى يىغىشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئادەملەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرغان. كىم كۆپ پۇل بەرسە، شۇ كىشى باج-سېلىق يىغقۇچى بولالايتتى. ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە بولغان باجگىر، باشقىلارغا باج يىغىش ھوقۇقىنى ساتقان. شۇڭا، ئۇ باشقىلاردىن كۆپرەك پايدا ئالالايتى. ئاشۇ ھوقۇقنى سېتىۋالغانلار بولسا ئادەملەردىن ئەسلىدىكى باجدىن كۆپرەك باجلارنى يىغقان. مەسىلەن، زاكاي شۇنداق باش باج يىققۇچى بولغان بولۇشى مۇمكىن (لۇقا 19:1، 2). شۇڭا، خەلق باشقىلارغا ھوقۇق بېرىپ باج يىغقان باجگىرنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرگەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز.