5-بۆلەك
خۇدانىڭ ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بەرىكەتلىشى
ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ روناق تېپىشى؛ خۇدانىڭ يۈسۈپنى مىسىردا قوغدىشى
يەھۋا ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىرى كەلگۈسىدە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ۋە ئۆلىشى كېرەك ئىدى. يارىتىلىش 3-باب 15-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن بېشارەت مۇشۇ ھەقىقەتنى كۆرسەتكەن. خۇدا ئىنسانىيەتكە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرىنىڭ قۇربانلىقىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قايسى ئۇسۇل ئارقىلىق كۆرسىتەلەيدۇ؟ مۇقەددەس كىتاب بىزگە، خۇدا، ئىبراھىمنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقىي مىسالنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئىبراھىمنىڭ ئىمان-ئېتىقادى كۈچلۈك ئىدى. ئاللا ئۇنىڭغا، ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن قۇتقۇزغۇچى نىجاتكار يەنى نەسىلنىڭ ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. ئىبراھىم ئىتائەتچانلىق بىلەن ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا تەييار بولدى. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئىسھاقنى تىرىلدۈردىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بىراق، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى ئىبراھىمنى دەل ۋاقتىدا توختاتتى. ئۆزىگە ئەڭ قەدىر-قىممەتلىك بولغاننى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەقدىم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم ماختاشقا ئېرىشتى. خۇدا، ئۇ ساداقەتمەن كىشى ئىبراھىمغا بۇرۇن بەرگەن ۋەدىسىنى قايتىلىدى.
كېيىنچە، ئىسھاق ئىككى ئوغۇللۇق بولدى، ئۇلار ئەساۋ ۋە ياقۇپ ئىدى. ياقۇپ ئەساۋغا ئوخشىمايتتى، ئۇ خۇداغا تەقۋادار بولغانلىقى ئۈچۈن بەرىكەتلەشكە ئېرىشتى. خۇدا ياقۇپنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلغا ئۆزگەرتتى. ئىسرائىلنىڭ 12 ئوغۇللىرى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى. ئۇنداقتا، ئاشۇ قەبىلىلەر قانداق قىلىپ ئۇلۇغ بىر خەلق بولدى؟
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئۆز ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلغاندىن تارتىپ، زەنجىرسىمان ۋەقەلەر باشلاندى. ئۇلار ئىنىسىنى قۇل ئورنىدا سېتىۋەتتى ۋە ئۇ مىسىرغا ئېلىپ كېتىلدى. بىراق، خۇدا ساداقەتمەن ۋە باتۇر ياش يېگىت يۈسۈپنى بەرىكەتلىدى. يۈسۈپ كۆپ جاپا-مۇشەققەت تارتقان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مىسىر پادىشاھى فىرئەۋن تەرىپىدىن تاللىنىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھوقۇق بېرىلدى. ئاچارچىلىق سەۋەبلىك ياقۇپ بەزى ئوغۇللىرىنى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋىلىشقا ئەۋەتتى. دەل ئاشۇ ۋاقىتلاردا، يۈسۈپ مىسىردىكى بارلىق ئاشلىقنى باشقۇرغۇچى بولغان ئىدى. پۇشايمان قىلغان قېرىنداشلىرى بىلەن ھەيرانلىق ئىچىدە، كۆز ياشلار ئاققۇزۇپ قايتا جەم بولغاندىن كېيىن، يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنى ئەپۇ قىلدى ۋە پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مىسىرغا كۆچۈپ كېلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار ناھايىتى ياخشى زېمىنغا ئىگە بولدى. ئاشۇ يەردە ئۇلار داۋاملىق كۆپىيىپ، روناق تاپالايتتى. خۇدا ئۆز ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاشۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى يۈسۈپ چۈشەنگەن ئىدى.
ياشىنىپ قالغان ياقۇپ قالغان ئۆمرىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مىسىردا ئۆتكۈزدى. ياقۇپ كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ، ۋەدە قىلىنغان نەسىل يەنى قۇتقۇزغۇچى نىجاتكار توغرىسىدا — ئۇنىڭ بىر كۈچلۈك ھۆكۈمران بولىدىغانلىقىنى ۋە ئون ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرى بولغان يەھۇدانىڭ قەبىلىسىدىن دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، يۈسۈپ ھەم ئۆلۈش ئالدىدا، كەلگۈسىدە خۇدا ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن ئىدى.
—يارىتىلىش 20–50-باب، ئىبرانىيلار 11:17–22-ئايەتلەرگە ئاساسەن.