مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

10-‏بۆلۈم

ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ دۈشمىنىنى ئاشكارا قىلىش

ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ دۈشمىنىنى ئاشكارا قىلىش

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا يە‌رنى يارىتىشتىن ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى،‏ ئاسماندا پە‌رىشتىلە‌رنى ياراتقان.‏ ئە‌مما،‏ كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە،‏ بىر پە‌رىشتە پە‌قە‌تلا خۇ‌داغا تېگىشلىك بولغان ئىبادە‌تكە ئۆزى ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلىغان.‏ شۇ خاتا ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌سلىرىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۇ ئۆزىنى شە‌يتانغا ئايلاندۇ‌رغان.‏ ئۇ‌نىڭ مە‌نىسى «قارشىلاشقۇ‌چى».‏ ئۇ خۇ‌دا بىلە‌ن قارشىلىشىدۇ.‏ شە‌يتان خۇ‌داغا قارشى نېمە ئىش قىلغان؟‏

شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىنى ئازدۇ‌رۇ‌شتا يىلاندىن پايدىلانغان

شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىنى ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشقا قۇ‌تراتقان.‏ ئۇ قۇ‌ۋلۇ‌ق بىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھاۋا-‏ئانىنى مە‌لۇ‌م بىر دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشنى چە‌كلە‌ش ئارقىلىق ياخشى نە‌رسىنى ئۆزىگە ئېلىپ قالدى،‏ دە‌پ يۇ‌شۇ‌رۇ‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «خۇ‌دا شۇ‌نى بىلىدۇ‌كى،‏ سىلە‌ر ئۇ دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىدىن يېگە‌ن كۈندە كۆزلىرىڭلار ئېچىلىدۇ،‏ ياخشى بىلە‌ن ياماننى بىلىپ،‏ خۇ‌دادە‌ك بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دېيىش ئارقىلىق،‏ نومۇ‌سمۇ قىلماي،‏ خۇ‌دانى يالغانچى قىلىپ كۆرسە‌تكە‌ن ۋە ھاۋا-‏ئانىنىڭ خۇ‌دانىڭ يولباشچىلىقىنى رە‌ت قىلىشقا ئاستىرتىن قۇ‌تراتقۇ‌لۇ‌ق قىلغان (‏يارىتىلىش 3:‏5‏)‏.‏ ھاۋا-‏ئانا نادانلىق قىلىپ،‏ شە‌يتانغا ئىشىنىپ كە‌تكە‌ن.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىنى بۇ‌زغان ۋە ئادە‌م-‏ئاتىمۇ ھاۋا-‏ئانىنىڭ تە‌سىر قىلىشى بىلە‌ن،‏ ئۇ‌مۇ شۇ‌نداق قىلغان.‏ شۇ‌نىڭدىن باشلاپ،‏ شە‌يتان بارلىق ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشىلە‌رگە دۈشمە‌نلىك قىلىپ،‏ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئادە‌ملە‌رنى ئالداپ كە‌لمە‌كتە.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى قانداق ئالدايدۇ؟‏

ئىمان-‏ئېتىقادىنى بۇ‌لغاش

شە‌يتان ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بۇ‌تپە‌رە‌سلىك ۋە ئە‌نئە‌نىۋى ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رنى ئىشلىتىپ كە‌لمە‌كتە

شە‌يتان بۇ‌تپە‌رە‌سلىك ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئە‌نئە‌نىۋى ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ ئىسرائىل خە‌لقىنى چىرىكلە‌شتۈرگە‌ن.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ ئۇ‌لارنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ «ئۆگىتىدىغان تە‌لىملىرى ئىنسانلارنىڭ بۇ‌يرۇ‌قلىرىدۇ‌ر»،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لارنىڭ قىلغان ئىبادە‌تلىرى بېھۇ‌دە،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 15:‏9‏)‏.‏ ئاشۇ ئىسرائىل خە‌لقى مە‌سىھنى رە‌ت قىلغىنىدا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنىمۇ تاشلىغان.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۇ‌لارغا:‏ «خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى سىلە‌ردىن تارتىۋېلىنىپ،‏ مېۋىسىنى بېرىدىغان باشقا بىر مىللە‌تكە بېرىلىدۇ،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 21:‏43‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌دانىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكە‌ن.‏

كېيىن،‏ شە‌يتان ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى چىرىكلە‌شتۈرۈشكە ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ ئۇ غە‌لبە قىلالىدىمۇ؟‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بېشارە‌تلىك تە‌مسىل بىلە‌ن ئالدىن ئېيتقان ئىدى.‏ شۇ تە‌مسىلدە،‏ بىر كىشى ياخشى بۇ‌غداي ئۇ‌رۇ‌قىنى يە‌رگە تېرىغان.‏ ئارقىدىن،‏ دۈشمىنى كېلىپ،‏ بۇ‌غدايلار ئارىسىغا ياۋا ئوتلارنىڭ ئۇ‌رۇ‌قىنى چېچىۋە‌تكە‌ن.‏ ھە‌ر ئىككىسىنى ھوسۇ‌ل يىغىۋالىدىغان ۋاقىتقىچە ئۆسۈشكە قويۇ‌پ بە‌رگە‌ن.‏ ئاندىن كېيىن،‏ ياۋا ئوتلارنى بۇ‌غدايدىن ئايرىپ،‏ ئۇ‌لارنى يوق قىلغان.‏ بىراق،‏ بۇ‌غدايلار ئىگىسىنىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا دۆۋىلە‌نگە‌ن.‏

كېيىنچە،‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا تە‌مسىلنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌ندۈرۈپ،‏ ئۆزىنىڭ ئۇ‌رۇ‌ق چاچقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ يە‌نە ئۇ داۋاملىق چۈشە‌ندۈرۈپ:‏ «ياخشى ئۇ‌رۇ‌ق پادىشاھلىقنىڭ ئوغۇ‌للىرىدۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ ياۋا ئوت-‏چۆپلە‌ر بولسا رە‌زىل شە‌يتاننىڭ ئوغۇ‌للىرىدۇ‌ر؛‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۇ‌رۇ‌قىنى چاچقان دۈشمە‌ن شە‌يتاندۇ‌ر.‏ ئورما ۋاقتى زاماننىڭ ئاخىرىدۇ‌ر.‏ ئورمىچىلار بولسا پە‌رىشتىلە‌ردۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 13:‏38،‏ 39‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆزىنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى بۇ‌غدايلارغا ئوخشاتقان.‏ بىراق،‏ شە‌يتان ياۋا ئوتلارغا ئوخشاش ساختا ئە‌گە‌شكۈچىلە‌رنى،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلە‌رنىڭ ئارىسىغا تارقىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزى ئالدىن ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ ئۆلۈپ،‏ ئە‌سىرلە‌ر داۋامىدا ساختا ئە‌گە‌شكۈچىلە‌ر مە‌يدانغا كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئۈچ بىرلىك يە‌نى خۇ‌دا ئۈچ شە‌خستىن تە‌ركىب تاپقان،‏ دېگە‌ندە‌ك ساختا تە‌لىملە‌رنى تە‌رغىپ قىلىشقان.‏ شۇ ساختا ئە‌گە‌شكۈچىلە‌ر يە‌نە بۇ‌تپە‌رە‌سلىك بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولغان ۋە سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىشنى باشلىغان.‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىگە پە‌قە‌ت ئازلا كىشىلە‌ر ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكە‌ن.‏

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى ساقلاش

ئە‌مما،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ چۈشە‌ندۈرۈپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ بىر ئۆزگىرىش پە‌يدا بولىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىلىرى ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادى بولمىغان كىشىلە‌رنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ چىقىدۇ.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ ھە‌قىقىي ئىمان ئېتىقادلىق كىشىلە‌رنى پە‌رق ئېتىش ئاسان بولىدۇ.‏ ئە‌ڭ ئاخىردا،‏ ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ ئە‌سلى دۈشمىنى،‏ ئىبلىس شە‌يتانمۇ ھالاك قىلىنىدۇ.‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد غە‌لبە قازىنىدۇ!‏

لېكىن،‏ بۈگۈنكى كۈندە كىم ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشى ئىكە‌نلىكىنى قانداق پە‌رق ئېتە‌لە‌يسىز؟‏ تۆۋە‌ندە سوئال توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىلىرى ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈشكە ئىنتىزار بولغانلارنى ئىزدىمە‌كتە